نېتانياھۇ ب د ت نىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سالمىدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ب د ت نىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇرمىدى.

67239
نېتانياھۇ ب د ت نىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس سىياسىي ئىشخانىسى ئەزاسى مۇسا ئەبۇ مەرزۇق ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن غەززە ئوتتۇرىسىدا 5 سائەتلىك ئوق چىقىرىشنى توختىتىش چاقىرىقىغا ھازىرغىچە جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەبۇ مەرزۇق ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تور بېتى تىۋېتىر ھېساباتىدىن ئۇچۇر قالدۇرۇپ، ب د ت نىڭ بۈگۈن يەرلىك ۋاقىت 10:00دىن 15:00گىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تەرەپلەرنى ئوق چىقىرىشنى توختىتىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىسرائىلىيە ب د ت نىڭ چاقىرىقىغا ھازىرغىچە جاۋاب بەرمىدى. نېتانياھۇ بارلىق ئوق چىقىرىشنى توختىتىش تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئەمەسمىدى؟» دېدى.
ب د ت بىلەن ئىسرائىلىيە بۇ مەسىلە ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق جاۋاب بەرمىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن، ئالاقىدار مەسئۇللار بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى «ئوق چىقىرىشنى توختىتىش» مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ پايتەخت قاھىرىگە بارغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر