تىراگېدىيە دىپلوماتىك كىرىزىسقا ئايلىنشقا باشلىدى

ئۇكرائىنادا چۈشۈرۈۋېتىلگەن مالايشىيا يولۇچىلار ئايروپىلانى مەسىلىسىدە، ۋاشىنگتون موسكۋانى، موسكۋا كىيېۋنى ئەيىبلىدى.

65968
تىراگېدىيە دىپلوماتىك كىرىزىسقا ئايلىنشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا ھاۋا يوللىرىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلگەن MH17 سەپەر ئايروپىلانى، كۈنسېرى خەلقئارالىق دىپلوماتىك كىرىزىسقا ئايلانماقتا.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى داۋىد كامېرون، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق پەيدا قىلغان ئەھۋالدا رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بېسىمنى ئاشۇرۇشقا باشلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي رۇسىيەنىڭ راست سۆزلەيدىغان ۋاقتىنىڭ كېلىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بەزى رۇسىيەپەرەس رەھبەرلەرنىڭ رۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ رۇسىيەنىڭ بۇ رۇسىيەپەرەسلەرنى قوراللاندۇرۇپ ۋە تەربىيەلەپ قوللاۋاتقانىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ قوللىرىدا ئايروپىلاننىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈشتە ئىشلىتىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قەيەردىن ۋە قاچان قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ بارلىقىنى، ئايروپىلان چۈشۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن رۇسىيەپەرەسلەرنىڭ ئۆزئارا قىلغان پاراڭلىرىنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بۇ ئەيىبلەشلەرگە ناھايىتى تېز جاۋاب قايتۇردى. ئۇ بۇنداق تىراگېدىيەنى سىياسىي دەسمايىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ توغرا ئۇسۇلدا داۋاملىشىشى ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى. ئۇ: «ئۇكرائىنا 28 – ئىيۇن ئۇرۇش توختىتىشنى ئۇزارتقان بولسا ئىدى، بۇ تىراگېدىيە يۈز بەرمىگەن بولاتتى» دېدى.
موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتون ئايروپىلاننى كىمنىڭ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى تالاش – تارتىش قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، مۇناسىۋەتسىز ئۇرۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن 298 ئادەم ئۈچۈن ماتەم تۇتۇش داۋام قىلماقتا.
ئايروپىلان خارابىسىدىن جەسەتلەرنى يىغىۋېلىنىشقا باشلاندى. تېپىلغان 21 جەسەت سوۋۇتۇش ۋاگونى بار پويىزغا قويۇلغاندىن كېيىن، نەق مەيداندىن ئېلىپ كېتىلدى. يېقىن ئەتراپتىكى تورېز بازىرىدىكى سوغۇق ساقلاش ئامبىرىغا قويۇلغان 200 دەك جەسەت ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيەپەرەسلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى دونېتسىك شەھىرىدە توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
گۇۋاھچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 21 – ئىيۇ شەھەرگە كىرىشكە ئۇرۇنغان بولۇپ، رۇسىيەپەرەسلەرنىڭ ئىككى دانە تانكىسىنىڭ پويىز ئىستانسىسىغا بېرىشى بىلەن ئېتىشىش چىققان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر