ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەززە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەززە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان بولسىمۇ نەتىجە چىقمىدى.

65821
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەززە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە جىددىي يىغىن چاقىرغان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇمى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىئوردانىيە ۋە تولۇق ئەزاسى بولمىغان پەلەستىننىڭ چاقىرىقىغا قارىتا، جىددىي يىغىن چاقىرغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋېتو قارارى سەۋەبلىك، يىغىندىن ئېنىق قارار چىقمىدى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا ھېچقانداق ئەمەلىي قىممىتى بولمىغان «خىتابنامە» ئوقۇغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىيۇل ئېيى نۆۋەتچى رەئىسى رۇئاندانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ئەلچىسى ئېگېنې رىچارد گاسانا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، رايوندىكى توقۇنۇشلارنىڭ كەسكىنلىشىدىن ۋە بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈملىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا ۋە بۇ توقۇنۇشلارنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى ۋە خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا» دېدى.
يىغىندا مىسىر بىلەن ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇننىڭ ئوق چىقىرىشنى توختىتىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى ئۈستىدە توختالغان باش ئەلچى گاسانا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن ئارىسىدا 2012-يىلى نويابىردا ھاسىل قىلىنغان ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىنىڭ قايتىدىن ئىناۋەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىمىي كۆزەتكۈچىسى باش ئەلچى رىياد مەنسۇر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ھېچقانداق نەتىجە چىقماسلىقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
مەنسۇر مۇنداق دېدى: «بىز ھېچ بولمىغاندا ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنىڭ ئەيىبلىنىشىنى كۈتەتتۇق. ئالدىمىزدا كېڭەشتە ماقۇللانغان خىتابنامىگە ئىسرائىلىيەنىڭ قانچىلىك ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر