چېگرانىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدە توقۇنۇش يۈز بەردى

لوران فابيۇس ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

64726
چېگرانىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدە توقۇنۇش يۈز بەردى

ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە قۇددۇسقا بارغان فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لوران فابيۇس ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. فابىيۇس، «پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېدى
ھەرىكەتنىڭ بىر قانچە ھەپتە داۋاملىشىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى. غەززەدە قۇرۇقلۇق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى ھۇجۇملىرىدا 20 ئادەم ئۆلدى. بۇنىڭ بىلەن، ھازىرغىچە 79 نەپىرى كىچىك بالا، 28 نەپىرى ئايال بولۇپ جەمئىي 365 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2390 ئادەم يارىلاندى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە كىرىشتە ئىشلىتىدىغان غەززە چېگراسىدىكى 13 تونېلنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بەيت ھانۇندا بولسا، 3 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ، بىر ئائىلىدىن 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ توك يولىنى كېسىپ تاشلىشى نەتىجىسىدە رايوندىكى ئېنېرگىيە يېتەرسىزلىكى %90 ئېشىپ كەتتى. ھەربىي ھەرىكەتلەر باشلىغاننىڭ مابەينىدە غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە 1663 راكېتا بومبىسى ئېتىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 346 سى ‹تۆمۈر گۈمبەز› مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن بوشلۇقتىكى چېغىدىلا بىتەرەپ قىلىندى.
ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى، غەززە تەرەپتىن ئېتىلغان بىر بومبىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دىمونا شەھىرىگە يېقىن بىر جايغا چۈشۈشى نەتىجىسىدە 1 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 4 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. دىمونا ئىسرائىلىيەنىڭ يادرو رېئاكتورى جايلاشقان شەھەر بولۇپ، ھەتتا ئىسرائىلىيەنىڭ يادرو قوراللىرىنىڭمۇ مەزكۇر شەھەردە ئىكەنلىكى ئىزچىل تۈردە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە بۇ ئۇچۇرنى ھازىرغىچە رەت قىلىپ باقمىدى. ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان دىمونا شەھىرىگە يېقىن بىر يەرگە بومبا چۈشۈشى ‹تۆمۈر گۈمبەز› نىڭ ئىقتىدارى توغرىسىدا سوئاللارنى پەيدا قىلىدىغاندەك قىلىدۇ.
ئىسرائىلىيە غەززەدە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغاندىن بويان تۇنجى قېتىم چېگرانىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىمۇ توقۇنۇش مەيدانغا كەلدى. توقۇنۇشتا بىر ھاماس ئەزاسى بىلەن ئىككى ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۆلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر