ئابباس كېرى بىلەن تېلېفونلاشتى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى بىلەن، مىسىر سۇنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تەكلىپى توغرۇلۇق تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

64436
ئابباس كېرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى بىلەن، مىسىر سۇنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تەكلىپى توغرۇلۇق تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى «VAFA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابباس، كېرى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، مىسىر سۇنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان، ئابباس دەرھال ئۇرۇش توختىتىلىشى، ئارقىدىنلا بارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى مەسىلىسىدە چىڭ تۇرغان.
مىسىر، «ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا ئادەم ئۆلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئېقىۋاتقان قاننىڭ توختىتىلىشى» ئۈچۈن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچىلىك قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر