ئامېرىكا رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىنى ئېغىرلاشتۇردى

ۋاشىنگتون دائىرىلىرى بۇ قېتىم رۇسىيەنىڭ بانكا، ئېنېرگىيە ۋە قورال ساھەلىرىنى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

132266
ئامېرىكا رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىنى ئېغىرلاشتۇردى

ۋاشىنگتون دائىرىلىرى بۇ قېتىم رۇسىيەنىڭ بانكا، ئېنېرگىيە ۋە قورال ساھەلىرىنى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.
ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى سەۋەبىدىن بەزى ساھەلەرگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ مەقسەتتە گازپرومبانك ۋە VEB ئىسىملىك مالىيە ئورگانلىرى بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى مەنئىي قىلىندى. تەبىئىي گاز ۋە نېفىت ئايرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نوۋاتېك ۋە روسنېفىت ناملىق شىركەتلەرگىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشى قارار قىلىندى. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئۈچۈن يىنىك تىپلىق قورال، بومبا ۋە تانكا ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقى ئىسپاتلانغان 8 رۇس قورال شىركىتىمۇ ئېمبارگو دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.
كىئېۋ ھۆكۈمىتىدىن مۇستەقىل ھالدا ئۆز ئىرادىسىنى ئېلان قىلغان لۇھانىسكى ۋە دونېتسكى خەلقىگىمۇ دۆلەتتىكى تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ئامانلىققا خەۋپ ئېلىپ كەلگەنلىكى يۈزىسىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارار قىلىندى. باياناتتا، ئېمبارگو يۈرگۈزۈش دائىرىسىگە ئېلىنغان رۇس شىركەت ۋە كىشىلىرىنىڭ ئامېرىكا بازارلىرى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىگە خاتىمە بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
قارارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، بۇ قارارنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى پاتقاققا ئىتتىرگەنلىكىنى، قارارنىڭ يالغۇز رۇسىيە ئىقتىسادىغىلا ئەمەس، ئامېرىكا ئىقتىسادىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. موسكۋا پاي چېكى بازىرى %2.6 تۆۋەنلەپ كەتتى، ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى روسنېفتنىڭ كۆرسەتكۈچىمۇ بىردىنلا %5 تۆۋەنلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر