پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مائاشى ئافغانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

ئافغانىستان پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مائاشلىرىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشى ئافغان خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.

132360
پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مائاشى ئافغانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

ئافغانىستان پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مائاشلىرىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشى ئافغان خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
ئافغان خەلقى پارلامېنت ئەزالىرىغا يېڭى ئىمتىيازلارنى بېرىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن تەكلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا نازارىلىق بىلدۈردى. قانۇندا كۆرسىتىلىشىچە، پارلامېنتتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقان ھەر پارلامېنت ئەزاسى ھاياتى بويىچە دىپلوماتىك پاسپورتقا ئىگە بولالايدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا ھەر ئايدا 3400 دوللار مائاش ئالىدىكەن.
ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %80 ى يوقسۇللۇق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ئافغانىستاندا خەلق، بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن پارلامېنت بىناسىغا قاراپ يۈرىدى. نامايىشچىلار، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خەلقنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ بۇنچىلىك يۇقىرى مائاش ئېلىشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئەپسۇسلاندۇرغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.
مەزكۇر قانۇنغا پارلامېنتتىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىمۇ نارازىلىق بىلدۈردى؛ بۇ قانۇننىڭ ئافغانىستاننىڭ مىللىي مەنپەئەتى ۋە ئاساسىي قانۇنىغا زىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن پارلامېنت ئەزالىرى، ئوقۇتقۇچى مائاشى 100 دوللار بولۇۋاتقان بۇ دۆلەتتە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇنچىلىك كۆپ مائاش ئېلىشىنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر