ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى قوللىماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يۈزلەرچە پەلەستىنلىك قەتلە قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي ئىزچىل تۈردە ئىسرائىلىيەنى قوللىماقتا

129920
ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى قوللىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يۈزلەرچە پەلەستىنلىك قەتلە قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي ئىزچىل تۈردە ئىسرائىلىيەنى قوللىماقتا.
ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئېرنىست، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلەتكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق بىر دەلىلنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.
ئېرنىست، پۇقرالار نىشان قىلىنغان روكېت ھۇجۇملىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى قەيت قىلدى.
باياناتچى، ھاماس ھۇجۇملىرىنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئاق ساراي باياناتچىسى، يۈزلەرچە پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ھىچكىمنىڭ ئۆلمىگەنلىكى خاتىرىلىتىلگەندە، غەززەلىك پۇقرالار ئۈچۈن ناھايىتى ئەندىشىلىك ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.
ھەر ئىككى تەرەپكە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى خاتىرىلەتكەن باياناتچى، تېخىمۇ كۆپ پۇقرانىڭ ھاياتىنى خەۋپگە دۇچار قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشىنى قوللىمايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر