ئەنگىلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى

ئەنگىلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ۋىليېم ھېيگ تۈنۈگۈن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى

129921
ئەنگىلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ۋىليېم ھېيگ تۈنۈگۈن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇھاپىزىكارلار پارتىيەسى ئەزاسى بولغان ھېيگ، Twitter سەھىپىسىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن، بۈگۈن كەچتە ئۇدا 4 يىلدىن بۇيان ئۆتەپ كېلىۋاتقان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىك ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بېرىمەن» دېدى.
ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرى، مۇھاپىزىكارلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولغان فىلىپ ھامېندنىڭ ھېيگنىڭ ئورنىغا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كېمىرىن ئىچكى كابىنېتنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىۋاتقان بولۇپ، ھېيگدىن سىرت يەنە، مۇزاپىزىكارلار پارتىيەسى ئەزاسى ئىچكى كابىنېت مىنىستىرى كېن كىلاركمۇ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر