جەنۇبىي ئافرىقىلىق يازغۇچى نادىنە گوردىمېر ۋاپات بولدى

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جەنۇبىي ئافرىقىلىق يازغۇچى نادىنە گوردىمېر ۋاپات بولدى.

130480
 جەنۇبىي ئافرىقىلىق يازغۇچى نادىنە گوردىمېر ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقىلىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى نادىنە گوردىمېر جوھاننېسبۇرگتا 90 يېشىدا ۋاپات بولدى.
ئىرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى ئەدەبىيات دۇنياسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك يازغۇچىلىرىدىن بولغان گوردىمېر، ئائىلىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە قىسقا مۇددەت كېسەل بولغاندىن كېيىن ئۆيىدە ۋاپات بولغان.
30دىن ئارتۇق كىتاب يازغان گوردىمېر 1991-يىلى ئەدەبىيات ساھەسىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر