لىۋىيەنىڭ پايتەختىدە قانلىق توقۇنۇشلار يۈز بەردى
لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرابلۇستا قانلىق توقۇنۇشلار مەيدانغا كەلدى.
128452
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرابلۇس قانلىق توقۇنۇشلارغا سەھنە بولماقتا.
تىرابلۇس ئايرۇدۇرۇمىنى قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنغان ئىككى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 9 ئادەم ئۆلدى.
لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىككى تەرەپتىن رامزان ئېيىدا قان تۆكمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. پۇقرالار توقۇنۇش رايونىدىن يىراقلىشىشقا چاقىرىلدى. توقۇنۇشلارنىڭ كەسكىنلىشىشىگە قارىتا لىۋىيە ھاۋا تەۋەلىكى ئايرۇپىلان سەپەرلىرىگە تاقىۋېتىلدى.
دەل ئۇ سائەتلەردە تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە) شىركىتىگە تەۋە ئىستانبۇل-مىسراتا سەپەرلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى مالتا ئارقىلىق قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.