ياپونىيەدە6.8 بال يەر تەۋرىدى

ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما دېڭىز تەۋەلىكىدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى

126729
ياپونىيەدە6.8 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما دېڭىز تەۋەلىكىدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى.
دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە كۆرە، يەر تەۋرەشتە ھېچقانداق ماددىي زىيان كۆرۈلمىگەن.
يەر تەۋرەشتىن كېيىن كىچىك دائىرىلىك دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلدى.
دېڭىز تاشقىنى دولقۇنلىرىنىڭ 1 مېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ھېچقانداق بىر كاشىلىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى جاكارلاندى.
ياپونىيەدە 2011 - يىلى 11 - مارت كۈنى 9 بال يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىپ، 20 مىڭ كىشى قازا قىلغان ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنىدى.
ئاپەتتىن كېيىن فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن يادرو كىرىزىسى ۋە رادىئاتسىيە ئېقىپ كېتىش كاشىلىسى تۈپەيلى 100 مىڭغا يېقىن كىشى ئۆي - ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر