ئىسرائىلىيە غەززەگە ئۆلۈم ياغدۇرماقتا

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە ئۆلۈم ياغدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

127153
ئىسرائىلىيە غەززەگە ئۆلۈم ياغدۇرماقتا


ھۇجۇم باشلىنىپ ھازىرغا قەدەر ئىسرائىلىيە 1000 دىن ئارتۇق نىشاننى بومباردىمان قىلدى.
"TRT Haber" قانىلىغا سۆز قىلغان ھاماسنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى دوكتور سامى ئەبۇ زۇھرى، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىانلىقىنى ئېيتتى.
ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى غەززەنىڭ قارشىلىقىنىمۇ كەچەيتمەكتە. ئونلىغان پەرقلىق تەشكىلاتلار ئىسرائىلىيەگە قارشى بىرلا رەھبەرلىك ئاستىغا توپلاندى.
ھاماسنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولۇپ، بۇ باسقۇچقا كېلىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
ئەبۇ زۇھرى، دەسلەپتە ھۇجۇمنى ھاماسنىڭ باشلىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ خۇددى ئۇرۇشنى پەلەستىنلىكلەر باشىلىغاندەك قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئەبۇ زۇھرى سۆز قىلىپ، «ئىسرائىلىيە ئۆلتۈرۈلگەن 3 ياشنىڭ جاۋاپكارلىقىنى پەلەستىلىكلەرنىڭ ئۈستىگە ئارتماقتا، بىز بۇ ۋەقەدە ھېچ قانداق جاۋاپكارلىقىمىز يوقلۇقىنى ئېيتتۇق، شۇنداق تۇرۇغلۇق بىزدىن بىر ياشنى تىرىك كۆيدۈردى. بىز ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قارشىلىق كۆسىتىشكە مەجبۇر بولدۇق» دېدى.
كۈرەشچى گۇرۇپپىلار نامىدىن سۆز قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن زۇھرى، «ئەمدى ھۇجۇمنى باشتا توختىدىغان تەرەپ بىز بولمايمىز» دېدى.
زۇھرى ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنى توختاتقان تەقدىردە، ئاندىن ئۇرۇش توختىتىش ھەقىقىدە ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زۇھرى، ئاخىرىدا ئەرەب دۇنياسىنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋالغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر