زۇلۇم داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە مۇناسىۋەتلەر نورماللاشمايدۇ

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىسرائىلىيە غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختاتمىغان تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورمالللاشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

125517
زۇلۇم داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە مۇناسىۋەتلەر نورماللاشمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىسرائىلىيە غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختاتمىغان تەقدىردە، تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورمالللاشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈنۈگۈن يوزگاتتا خەلققە خىتاب قىلغاندىن كېيىن ئىپتار زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلغان باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ كۈنتەرتىپىدە غەززە مەسىلىسى بار ئىدى.
ئىپتاردىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلغان باش مىنىستىر ئەردوغان، «بىز خاتىرجەم ھالدا ئىپتار قىلدۇق، ئەمما تولىمۇ ئەپسۇسكى ئىسرائىلىيە بومبىلىرى يېغىۋاتقان پەلەستىندە ھەممە ياقتا زۇلۇم بار» دېدى.
ئەردوغان، بۇ ھەقتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىىنى ئەسكەرتتى.
ئەردوغان، پۈتكۈل دۇنيانى غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەگە سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى.
پەلەستىن مەسىلىسىدە تەرەپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، بولۇپمۇ غەززەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەنى ئىزچىل تەقىب قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. تۈركىيە - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەمما ۋەقەلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «زۇلۇم داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان بۇ ھەقتە يەنە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ۋە ھاماسنىڭ سىياسىي بىيورۇسى رەھبىرى خالىد مەشئەل بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشتى.
باش مىنىستىرلىك مەنبەلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، باش مىنىستىر ئەردوغان، ئۇچرىشىشتا تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا خاتىمە بېرىشى ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، باش مىنىستىر ئەردوغان غەززەگە جىددىي ياردەم قىلىش توغرۇلۇق يوليۇرۇق چۈشۈرگەن.
باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەمرۇللاھ ئىشلەر، رايوندا ئىش بېجىرىش ئورنى بار بولغان تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى بىلەن ئالاقە ئورناتقان.
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ غەززەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى، ئالدى بىلەن جىددىي ئېھتىياجى بارلارغا يېمەك - ئىچمەك ۋە دورا ماتېرىيالىرى جەھەتتىن ياردەم قىلىدۇ.
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى رايوندىكى ئۇرۇش تۈپەيلى سىرتتىن ياردەم بېرىشكە مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن يەرلىك مەنبەلەردىن قولغا كەلتۈرگەن دورا ماتېرىياللىرى بىلەن يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر