مىستۇرا ب د ت نىڭ سۈرىيە ۋەكىللىكىگە تەيىنلەندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون، ماي ئېيىدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ئەخزەر ئەلئىبراھىمىنىڭ ئورنىغا ئىتالىيەلىك دىپلومات سىتافان دې مىستۇرانى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىللىكىگە تەيىنلىدى

125518
مىستۇرا ب د ت نىڭ سۈرىيە ۋەكىللىكىگە تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون، ماي ئېيىدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ئەخزەر ئەلئىبراھىمىنىڭ ئورنىغا ئىتالىيەلىك دىپلومات سىتافان دې مىستۇرانى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىللىكىگە تەيىنلىدى.
ئەلئىبراھىمىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بان كىمون، سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەسسە قوشۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن مىستۇرانىڭ بولسا پەقەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭلا ئالاھىدە ۋەكىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىش مەسىلىسىدە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا پائالىيەت ئېلپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بان كىمون، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن مىسىرلىق دىپلومات رەمزى ئىززەتتىن رەمزىنىڭ مىستۇرانىڭ ياردەمچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
بان كىمون، مىستۇرانىڭ يېڭى ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىشتىن بۇرۇن خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق كۈچلەر، بولۇپمۇ ھەم سۈرىيە ھاكىمىيىتى ھەم سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بىلەن كېڭىشىش ئېلىپ بارغانلقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر