ئامېرىكا سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەئىسىنى قوللايدۇ

ئامېرىكا سۈرىيە ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

124873
ئامېرىكا سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەئىسىنى قوللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملار توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى.
ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتى سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلىرى مەملىكەتلىك بىرلەشمىسى رەئىسلىكىگە ھادى ئەل باھرانىڭ سايلىنىشىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، يېڭى رەئىس باھرانى قوللايدىغانلىقلىرى، بۇ دائىرىدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا بارلىق سۈرىيەلىك گۇرۇپپىلار بىلەن ئالاقە قىلىش ۋە مۆتىدىل ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىكنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن ھادى باھرا ۋە سەپداشلىرىنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنىڭ باشتىن-ئاخىر كۆزىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر