يۈننەندە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان يۈننەن ئۆلكىسىدە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 17 ئادەم يوقاپ كەتتى.

122800
يۈننەندە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان يۈننەن ئۆلكىسىدە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 17 ئادەم يوقاپ كەتتى.
يۈننەننىڭ فۇگوڭ بازىرىغا قاراشلىق شاۋا يېزىسىدا يېرىم كېچىدە ياغقان قاتتىق ھۆل – يېغىن تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى. ئالاقىدار مەسئۇللار، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا 140 كىشىلىك بىر ئەترەتنىڭ قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى بىلەن ئىزدەش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە يوقاپ كەتكەن بەزى كىشىلەرنىڭ تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن جايغا يېقىن يەردىكى ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر