ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇمىدا بىر ئائىلىدىن 7 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

122903
ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى داۋام قىلماقتا؛ ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدىكى بىر ئۆيگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بىر ئائىلىدىن ئىككىسى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 7 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 130 غا يەتتى.
ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتىنىڭ قوراللىق قانىتى بولغان قۇددۇس بىرىگاداسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى قوماندانلىرىدىن ھافىز ھەمەد، غەززەنىڭ شىمالىدىكى ئۆيىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززۇددىن ئەلقەسسام بىرىگاداسى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقى سەۋەبىدىن تېل ئاۋىۋ، قۇددۇس ۋە ھايفاغا يېڭىدىن بومبا ئېتىشنى باشلىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، 40 مىڭ زاپاس ئەسكەرنى ۋەزىپە ئۆتەشكە چاقىردى.
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى (ب د ت خ ك) نى ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى ئۈچۈن جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى. ب د ت بولسا، غەززەدىكى ئەھۋالدىن قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاق ساراي بولسا، «ئىسرائىلىيەگە ئېتىلىۋاتقان روكېت ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرى» نى جاكارلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر