سومالى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 9 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

123272
سومالى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 9 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، پايتەخت مۇقدىشودا ئەششاباب تەشكىلاتى تەرىپىدىن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە قىلىنغان بومبىلىق ھۇجۇمدىن كېيىن مەھكىمە مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن ھۇجۇمچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 5 نەپىرى ھۇجۇمچى بولۇپ جەمئىي 9 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئۆلگەن 4 كىشىنىڭ پۇقرا ياكى ئەسكەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى، ھۇجۇمدا ۋەزىيەتنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى شوپۇر بولۇپ جەمئىي 6 كىشى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر