2 يېرىم مىليون كىشى ئۆي - ماكانلىرىنى تەرك ئەتتى

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەلەپ ۋالىيسى ئابدۇرراھمان دەدەم، سۈرىيە ئۆكتىچىلەر ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەر مىللىي بىرلەشمىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، ھەلەپتە ھازىرغىچە 26 مىڭ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 2 يېرىم مىليون كىشىنىڭ ئۆي - ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى

121727
2 يېرىم مىليون كىشى ئۆي - ماكانلىرىنى تەرك ئەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2 يېرىم مىليون كىشى ئۆي - ماكانلىرىنى تەرك ئەتتى.
ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەلەپ ۋالىيسى ئابدۇرراھمان دەدەم، سۈرىيە ئۆكتىچىلەر ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەر مىللىي بىرلەشمىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، ھەلەپتە ھازىرغىچە 26 مىڭ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 2 يېرىم مىليون كىشىنىڭ ئۆي - ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى.
دەدەم، ئازاد قىلىنغان رايونلاردا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانىنىڭ ۋارىل بومبىلىق ھۇجۇملاردىن ئىلگىرى 400 مىڭ ئىكەنلىكىنى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ غەرەزلىك ھالدا مەكتەپلەرنى ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندۇرۇشىدىن كېيىن 30 مىڭغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنىڭ ھەلەپكە يەتكۈزۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شەھەرنى پۈتۈلەي قامال قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان دەدەم، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى «مەدەنىيەت مىراسى شەھەر» ھەلەپنى قوغداشقا چاقىردى.
سۈرىيە ئۆكتىچىلەر ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەر مىللىي بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى جەلالەددىن خانجىمۇ ھەلەپ يەرلىك مەجلىسىنىڭ شەھەرگە قارىتا لايىھەلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆلۈم بومبىلىرى ياغدۇرۇپ، بۇنىڭغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
خانجى، ھەلەپ خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان «چوڭ پالاكەت» نىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئۆزلىرىنى «دېموكراتىك دۆلەتلەر» دەپ ئاتىۋالغان ئەللەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر