ئىززەتبېگوۋىچ قايتىدىن نامزات بولدى

ئىززەتبېگوۋىچ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بولىدۇ.

120483
ئىززەتبېگوۋىچ قايتىدىن نامزات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، پارتىيە مەسئۇللىرى ئاچقان يىغىندا، دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىززەتبېگوۋىچنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدىكى سايلامدا ئۈچ تەرەپ پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ بوشناق ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن نامزات كۆرسەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، بوسنىيە 0 سېرب جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا رامىز سالكىچنىڭ نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئۈچ تەرەپتىن تەشكىل تاپىدىغان بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا ئۈچ تەرەپ پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ ئىككى ئەزاسى بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا فېدېراتسىيەسىدىن، سېرب ئەزا بولسا، سېربىيە جۇمھۇرىيىتىدىن سايلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر