جۇڭگودا ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇش ۋەقەسى يۈز بەردى

جۇڭگونىڭ شەرقىگە جايلاشقان خەنكۇ شەھىرىدە بىر ئادەم 80 ئادەمنى ئېلىپ مېڭىۋاتقان يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت قويۇۋەتتى.

120812
جۇڭگودا ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەنكۇ شەھىرىدە بىر ئادەم 80 يولۇچى ئولتۇرغان ئاپتوبۇسقا ئوت قويدى. ۋەقەدە ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان 16 ئادەم بولۇپ، جەمئىي 32 ئادەم يارىلاندى.
ساقچى دائىرىلىرى يارىدارلار ئارىسىدىكى ئوت قويغۇچىنىڭ كىملىكى ۋە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى.
جۇڭگودا ئادەتتە ئەقلىي تەڭپۇڭلۇقىنى يۈتتۈرۈپ قويغان كىشىلەر، بۇ خىلدىكى ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇش ۋەقەسىنى پات – پات پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ.
2013 – يىلى شەرقىي جەنۇبقا جايلاشقان شىيامېن شەھىرىدە مېتروبۇسقا ئوت قويۇش ۋەقەسىدە 47 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر