ھاماس: ئىسرائىلىيە 7 نەپەر ھاماس ئەزاسىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ھاماس ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 7 نەپەر ھاماس ئەزاسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

120377
ھاماس: ئىسرائىلىيە 7 نەپەر ھاماس ئەزاسىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 7 نەپەر ھاماس ئەزاسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
غەززەدە ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئارىسىدا 2012-يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەڭ قانلىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر ھاماس ئەزاسىنىڭمۇ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھاماس ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ مىسىر چېگرىسىدىكى رەفاھ ئېغىزىدا ھاماس ئەزالىرىنىڭ يىغىلىش بازىسىغا قارىتىلغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا قارىتىلغان روكېت بومبىلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 9 بازىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە ئېتىلغان روكېت ھۇجۇملىرىغا قارشى قايتۇرما زەربە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىيۇن ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ قويۇپ بېرىلگەن 150 روكېتتىن 25نىڭ ئىسرائىلىيە زېمىنلىرىغا چۈشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
بۇ ئارىلىقتا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى مارك رېگېۋ ھاماسنى قاتتىق ئەيىبلەپ بايانات بەردى. خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رېگېۋ مۇنداق دېدى: «ھاماس مەسىلىنىڭ دەل ئۆزىدۇر، ھاماس بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ. ھاماسقا قارشى ئۇرۇش قىلىش ۋە ئۇلارنى مەغلۇپ قېلىش كېرەك.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر