ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن غەززەنى يەنە بومباردىمان قىلدى.

119266
ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن غەززەنى يەنە بومباردىمان قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس مىلىتانلىرى روكېت ئاتقانلىقى بېكىتىلگەن 10 جايغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئىسرائىلىيە ئۆتكەن ھەپتە جەسەتلىرى تېپىلغان 3 يەھۇدىي ياشنىڭ ھاماس تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 12- ئىيۇندا يوقاپ كەتكەن ياشلارنى تېپىش ئۈچۈن غەربىي قىرغاق ۋە غەززەدە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان، مىڭلارچە ئادەمنى نازارەت ئاستىغا ئالغان، ئەسكەرلەرنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە پەلەستىنلىك ياشلارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنىدى.
ئاخىرقى قېتىم شەرقىي قۇددۇستا تۇتۇپ كېتىلگەن 16 ياشلىق مۇھەممەد ئەبۇ خۇدەيرنىڭ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلۈشى پەلەستىنلىكلەرنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىدى.
تۈنۈگۈن كېچە قۇددۇسنىڭ شەرقىدىكى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىك نامايىشچىلار توقۇنۇشۇپ، 20 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر