ئ ش ئ د ئەنباردا تالاپەتكە ئۇچرىدى

ئىراقنىڭ ئەلئەنبار ۋىلايىتىدە 18 ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى (ئ ش ئ د) مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى.

119203
ئ ش ئ د ئەنباردا تالاپەتكە ئۇچرىدى

ئىراقنىڭ ئەلئەنبار ۋىلايىتىدە 18 ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى (ئ ش ئ د) مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى.
ئەنبار ۋىلايەتلىك ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانى گېنېرال راشىد فەلىھ، ئىراق قىسىملىرى بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 18 مىلىتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 11 مىلىتاننىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ 5 ماشىنىسىنىڭ كۆيدۈرۈپ تاشلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى. فەلىھ، مەزكۇر توقۇنۇشتا 3 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى. جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئەررەمادى شەھىرىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ساقچى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئەسكەرلەرنىڭ تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 4 ساقچى ئۆلتۈرۈلگەن، 3 ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئەسكەر يارىلانغان.
يېقىندىن بويان توقۇنۇشلار ۋە ھاكىمىيەت بوشلۇقى پەيدا بولغان ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى باشلامچىلىقىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار مۇسۇل، تىكرىت، بەئقۇبە ۋە تەلافەر شەھەرلىرىدىن باشقا ئەنبارنىڭ ئەلقائىم، راۋە، ئەنەھ، رەتبە ۋە ھادىسە ناھىيەلىرىنىمۇ قولغا كىرگۈزگەن، توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن بىر مىليونغا يېقىن پۇقرا كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانىدى.
دۆلەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى بىلەن ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى باشلامچىلىقىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان جايلار ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر