ئەسەد قىسىملىرى 43 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ 43 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

119188
ئەسەد قىسىملىرى 43 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ 11ى بالا، 3ى ئايال بولۇپ جەمئىي 48 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سۈرىيە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەسەد قىسىملىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا ھاۋادىن ۋارىل بومبىلىرى بىلەن، قۇرۇقلۇقتىن توپ ئوقلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
سۈرىيە يەرلىك ئالاقە كومىتېتىمۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ھالەپتە ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن ئۆينىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە تىكئۇچارلارنىڭ ھالەپنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مارى ناھىيەسىدىكى تۇرالغۇ جايلارغا ۋارىل بومبىلىرى بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ھالەپتە سانائەت رايونىدا ئەسەد قىسىملىرى بىلەن قوراللىق ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
بۇنىڭدىن سىرت، سۈرىيە رەسمىي ئاگېنتلىقى سانا دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىدە، ئەسەد قىسىملبىرىنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن ئۆكتىچىنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرگەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر