تۈركمەنلەر ئى ش ئى د غا بەيئەت قىلىشنى قوبۇل قىلمىدى

ئىراقتىكى تۈركمەنلەر ئى ش ئى د غا بەيئەت قىلىشنى قوبۇل قىلمىدى.

119534
تۈركمەنلەر ئى ش ئى د غا بەيئەت قىلىشنى قوبۇل قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئۇلارغا بەيئەت قىلىشنى رەت قىلغان تەلافەرلىك سۈننىي تۈركمەنلەر ئارىسىدا توقۇنۇشلار كېلىپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركمەن قەبىلە ئاقساقىلى ئەلى چولاك تەلافەردىكى «ئەلى بەششار ھالاي بەك ئەل ئابباسىيىن» ئىسىملىك ئەڭ چوڭ سۈننىي تۈركمەن قەبىلىسىنىڭ نوپۇزلۇق كىشىلىرىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە بەيئەت قىلىشنى رەت قىلىشىغا قارىتا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەنلەر ۋە يارىغانلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.
ئەلى چولاك يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار سەۋەبلىك ئونلارچە تۈركمەن ئائىلىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ، رايوندىن قاچقانلىقىنى ۋە بۇ ئۆيلەرنىڭ بۇلاڭ-تالانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
توقۇنۇشلاردە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى. مۇسۇلنىڭ غەربىگە جايلاشقان تەلافەر شەھرى كۆپىنچىسى تۈركمەنلەردىن تەشكىل تاپقان ئىستىراتېگىيەلىك بىر رايونغا جايلاشقان.
بۇنىڭدىن سىرت، ساماررادىكى بىر ھۆكۈمەت مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراق ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملار سەلاھەددىن ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى تىكرىت شەھرىنىڭ 7-كىلومېتىر يىراقلىقىغا جايلاشقان ئۇۋەينات ۋە ئەل ئۇجە رايونلىرىنىڭ تىزگىنىنى قولغا چۈشۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر