جۇڭگودا سەل ئاپىتى مەيدانغا كەلدى
جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي رايونلىرىدا شىددەتلىك ھۆل-يېغىن مەيدانغا كەلدى.
119171
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇڭگودا جۈمە كۈندىن باشلاپ مەيدانغا كەلگەن ھۆل-يېغىنلار سەل ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىدە مەيدانغا كەلگەن شىددەتلىك ھۆل-يېغىن سەۋەبلىك دەريالار تاشتى. سەلدە نۇرغۇن ئادەم زىيانغا ئۇچرىدى. كۆۋرۈك ۋە دەل-دەرەخلەرگە چىقىۋالغان ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. ھۆل-يېغىنلارنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.