مالىكى نامزاتلىقتىن چېكىنمەيدىغان بولدى

نۇرى ئەل مالىكى نامزاتلىقتىن چېكىنمەيدىغان بولدى.

118932
مالىكى نامزاتلىقتىن چېكىنمەيدىغان بولدى



مالىكى دۆلەت تېلېۋزىيەسىدە قىلغان سۆزىدە، «تېررورچىلارغا قارشى ئۇرۇش مەيدانىدىن چېكىنسەم، دىن، ۋەتەن ۋە ئەخلاق ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمدىن قاچقانلىقىم بولىدۇ، شۇڭا باش مىنىستىرلىك نامزاتلىقىمدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن» دېدى.
مالىكى «ئىراقنىڭ دۈشمەنلىرىنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلغانغا قەدەر قوراللىق قىسىمنىڭ ۋە خىلىسانە قوللىغۇچىلىرىمنىڭ يېنىدا ئۇرۇش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى ۋە قانۇن دۆلىتى بىرلەشمسىنىڭ پارلامېنتتا ئەڭ كۆپ ئورۇندۇققا ئىگە گۇرۇپپا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
مالىكى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان قانۇن دۆلىتى بىرلەشمىسى ئاخىرقى قېتىقى سايلامدا 93 ئۇرۇندۇققا، مۇتتەھىدۇن گۇرۇپپىسى 23 ئۇرۇندۇققا، شىئەلەر بىرلەشمىسى 29 ئورۇندۇققا ۋە ۋەتەنىييە گۇرۇپپىسى 21 ئورۇندۇققا ئىگە بولغان ئىدى.
ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىراق قانۇنغا كۆرە، 165 ئورۇندۇققا ئىگە بولىشى شەرت. ئىراق سايلام ئالىي كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان رەسمىي نەتىجىلەرگە كۆرە، ئىراقتا ھېچ قانداق پارتىيە ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرالىغۇدەك ئورۇندۇققا ئىگە ئەمەس.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر