نىيۇيوركتا سىسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مىسىردا خەلق تەرىپىدىن سايلانغان تۈنجى پىرېزىدېنت مۇرسىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىغا بىر يىل بولغانلىقىنى ئەسلەش مۇناسىۋىتى بىلەن نىيۇيوركتا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

117857
نىيۇيوركتا سىسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى



(Times) مەيدانىغا توپلاشقان بىر گۇرۇپپا مىسىر پۇقرالىرى بىر يىل ئىلگىرىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە ۋە قارشى چىققۇچىلارغا قارىتىلغان سىياسەتلەرگە نارازىلىق بىلدۈردى.
كۆپىنچىسى ئايال ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان نامايىشچىلار، رابىئە سېمۋولى سۈرىتى بېسىلغان كۆينەكلەرنى كېيىشىپ، ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغۇچى ئابدۇلفەتتاھ ئەس سىسىغا قارشى شۇئارلارنى توۋلىدى.
مىسىرنىڭ تۈنجى قېتىم خەلق تەرىپىدىن سايلانغان ۋە ھازىر قاماقتا تۇرىۋاتقان پىرېزىدېنتى مۇرسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلار، «مۇرسى سايلاندى سىسى ئەمەس»، «دېموكراتىيە تەلەپ قىلىمىز» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.
نامايىشچىلار «پىرېزىدېنت مۇرسى» دېگەن چوڭ خەتلەر يېزىلغان مۇرسىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈشۈپ، ئەرەپچە ۋە ئىنگىلىزچە شوئارلارنى توۋلاشتى.
نامايىشچىلار يەنە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەسىملىرىنىمۇ كۆتۈرۈشۈپ چىقىپ، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۇسىنى ئىزھار قىلدى. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان قاتناشقۇچىلار نۇتۇق سۆزلىدى.
ساقچىلارنىڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ئامېرىكىلىق ۋە باشقا دۆلەتلىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر