پەلەستىنلىك بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىۋەتتى

16 ياشلىق بىر پەلەستىنلىكىنىڭ تۈنۈگۈن چۈشتە گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلىشى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى زېمىنلاردا جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىۋەتتى.

116310
پەلەستىنلىك بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىۋەتتى

ئىسرائىلىيەدە 3 كۆچمەن يەھۇدىي ياشنىڭ گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلىپ ئۆلتۈرۈپ تاشلىنىشىدىن كېيىن 16 ياشلىق بىر پەلەستىنلىكىنىڭ تۈنۈگۈن چۈشتە گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلىشى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى زېمىنلاردا جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىۋەتتى.
پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كىچىك – چوڭ دېمەستىن يۈزلەرچە پەلەستىنلىكنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشىنى، غەززەگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشىنى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى يىقىپ تاشلىشىنى ئەيىبلىدى. ئابباس، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەر ئەسناسىدا كۆپ ساندا پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى، نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنى پەلەستىنلىكلەرنى كوللېكتىپ ھالدا جازالاش ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.
16 ياشلىق پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى غەربىي قىرغاق ۋە قۇددۇستا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى. قۇددۇستا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا 70 ئادەم يارىلاندى. غەربىي قىرغاقنىڭ خەلىل شەھىرى ئەتراپىدا 5 بالا ياشايدىغان بىر ئۆينىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن پارتلىتىپ تاشلىنىشى خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. مەزكۇر بالىلارنىڭ ئاتىسى ۋە ئاكىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ساقچىسىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ 1 ئاي ئىلگىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. ئۆينىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن پارتلىتىپ تاشلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن پەلەستىنلىكلەرگە ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە پىلاستىك ئوقلارنى ئېتىپ جاۋاب قايتۇردى. مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشتا 7 كىشى يارىلاندى، ئونلارچە ئادەم ياش ئاققۇزۇش بومبىسى تۈپەيلى ھوشىدىن كەتتى.
ئىسرائىلىيە ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن 3 يەھۇدىي ياشنىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارى، دەپ قارىماقتا، ھاماس بولسا، جاۋابكارلىقنى پۈتۈن كۈچى رەت قىلماقتا.
شەرقىي قۇددۇستا مەجبۇرىي بىر ماشىنىغا چىقىرىلىپ ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن جەسىتى ئورمانلىققا تاشلىۋېتىلگەن 16 ياشلىق پەلەستىنلىكنىڭ قاتىلى يەھۇدىي كۆچمەنلەر، دەپ قارالماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر