تالىبان ئادەم بومبا كابۇلدا ۋەقە پەيدا قىلدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا 7 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 16 ئادەم يارىلاندى.

114889
تالىبان ئادەم بومبا كابۇلدا ۋەقە پەيدا قىلدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا 7 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 16 ئادەم يارىلاندى.
ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى، بۈگۈن ئەتىگەندە بىر ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر ماشىنىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ۋەقە توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھۇجۇمدا ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 4 نەپەر خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 5 نەپىرىنىڭ يارىلانغانلىقى تەكىتلەندى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقنى تالىبان ئۈستىگە ئالدى؛ تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تالىباننىڭ بىر ئەزاسى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھۇجۇمدا كۆپ ساندا ئافغان ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر