جۇڭگودا مۇھىت بۇلغۇغان بىر زاۋۇتقا ئېغىر جازا بېرىلدى

جېجىياڭ ئۆلكىسىدىكى بۇ زاۋۇتغا مۇھىت بۇلغۇنۇشقا سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن ئېغىر جازا بېرىلدى.

115143
جۇڭگودا مۇھىت بۇلغۇغان بىر زاۋۇتقا ئېغىر جازا بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇڭگونىڭ شەرقىي رايونىدا قالدۇق سۇلىرىنى قانۇنسىز يوللار بىلەن يەر ئاستى سۇ يولىغا قويۇپ بەرگەن بىر خىمىيە زاۋۇتىغا 20 مىليون يۇەن جازا بېرىلدى.
زاۋۇتنىڭ 5000 توننا قالدۇق سۇيى يەر ئاستىغا قويۇپ بەرگەنلىكى، 18مىڭ توننا قالدۇق سۇيىنى بولسا خاڭجۇ قولتۇقى بويىغا سېلىنغان قۇدۇققا قويۇۋەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
زاۇۋت مەسئۇللىرىدىن 11كىشىگە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا قوشۇمچە تۆلەم تۆلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دۇنيادا ھاۋا ۋە مۇھىت بۇلغۇنۇش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگو مارت ئېيىدا مۇھىت ۋە ھاۋا بۇلغۇنۇشىغا قارشى تېخىمۇ كۆپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ۋە جاۋابكارلارنىڭ جازالاندۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر