جەنۇبىي ئافرىقىدا 220 مىڭ ئىشچى ئىش تاشلىدى

جەنۇبىي ئافرىقىدا 220 مىڭ نەپەر تۆمۈر زاۋۇتى ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى.

115580
جەنۇبىي ئافرىقىدا 220 مىڭ ئىشچى ئىش تاشلىدى

.
ئىشچىلار مائاشلىرىنىڭ ئاستۈرۈپ بېرىلىشى ۋە قورو جاي ياردىمى بىلەن تەمىنلىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ، جۇھېننېسبورگدا ئۇسۇل ئويناپ، ناخشا توۋلاش ئارقىلىق نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
ھەممىسى قېزىل كۆينەك كېيىشىۋالغان تۆمۈر زاۋۇتى ئىشچىلىرى مارىي فىتزگېرالد مەيدانىنى قىزىل رەڭگە چۆمدۈردى.
زاۋۇت رەھبەرلىرى ئىش تاشلاش نامايىشىغا خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن مائىشنى %8 ئۆستۈرۈپ بېرىش تەكلىپىنى سۇندى.
جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆمۈر زاۋۇتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى (NUMSA) بولسا، %12 ئۆستۈرۈپ بېرىلىشنى ۋە بۇنىڭغا قورۇ جاي ياردەم پۇلى قوشۇپ بېرىلىشىنى ھەمدە يەنە ئىش تاشلاش نامايىشىغا قاتناشمىغان ئىشچىلارنى ئىشتىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلماقتا.
ئىشچىلار ئۇيۇ شمىسى ئەزالىرىنىڭ 2013 – يىلىدىكى ئىش تاشلاش نامايىشىمۇ ئاپتومۇبىل ساھەسىنى 2 مىليارد دوللار زىيانغا ئۇچراتقان ئىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر