511 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

خوڭ كوڭدا ئون مىڭلارچە ئادەمنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا يۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

114951
511 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

خوڭ كوڭدا ئون مىڭلارچە ئادەمنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا يۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
ئون مىڭلارچە ئادەمنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن دېموكراتىيە يۈرۈشىدىن كېيىن شەھەردىكى ئىش ۋە خىزمەت ئورۇنلىرى كۆپ بولغان بىر يېرىگە توپلىنىپ ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن 160 نەپىرى ئايال بولۇپ جەمئىي 511 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان نامايىشچىلارنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىمۇ بار ئىكەن.
ئەنگلىيەنىڭ 1997- يىلى 1- ئىيۇلدا خوڭ كوڭنى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنىڭ 17- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا رەسمىي مەنبەلەرگە كۆرە 98 مىڭ ئادەم قاتناشقان. نامايىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار بولسا، ئىشتىراك قىلغۇچىلار سانىنى 510 مىڭ، دەپ ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر