ئىراقتىكى تىكرىت شەھرى ئى ش ئى د دىن قايتۇرۇپ ئېلىندى

ئىراق ئارمىيەسى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىدىن تىكرىت شەھرىنى قايتۇرۇپ ئالدى.

110671
ئىراقتىكى تىكرىت شەھرى ئى ش ئى د دىن قايتۇرۇپ ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سالاھەددىن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئەھمەد ئابدۇللاھ ئەل جۇبۇرى، تىكرىت شەھىرىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى باشچىلىقىدىكى قوراللار گۇرۇپپلاردىن قايتۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ۋالىي جۇبۇرى مۇنداق دېدى: «ئىراق ئارمىيەسى تۆت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ تىكرىت شەھرىنى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى باشچىلىقىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلاردىن قايتۇرۇپ ئالدى. ھازىر شەھەر بىخەتەردۇر.»
بۇنىڭدىن باشقا ئىراقنىڭ يېرىم رەسمىي تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ئەل ئىراقىيەدە ئىراق ئارمىيەسى بىلەن قوراللار گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 60 قوراللىق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە ئىراق ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ ۋالىيلىق بىناسىنى قايتۇرۇپ ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراق ئارمىيە قىسىملىرى بىلەن قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا شىمالىي فىرونتتا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن.
ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان توقۇنۇشلار ۋە ھاكىمىيەت بوشلۇقىغا سەھنە بولۇپ كېلىۋاتقان دۆلەتتە، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ۋە بەزى قەبىلە كۈچلىرى مۇسۇل، تىكرىت، باكۇبا ۋە تەلافېر شەھەرلىرىنى تىزگىنى ئاستىغا ئالغانىدى. رايوندىكى ئەنبەرنىڭ ئەل قايىم، راۋې، ئانېھ، راتبې ۋە ھادىسە ناھىيەلىرىمۇ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ قولىغا ئۆتكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر