سۇرىيەدە يەنە 100 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئەسەد كۈچلىرىنىڭ دۆلەت مىقياسىدا ئۆكتىچىلەرگە قارشى قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 100 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

107686
سۇرىيەدە يەنە 100 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئەسەد كۈچلىرىنىڭ دۆلەت مىقياسىدا ئۆكتىچىلەرگە قارشى قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
سۇرىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بويان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان پاككا شەھىرىنىڭ بەزى جايلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. بومباردىمان قىلىنغان جايلارنىڭ ئىچىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ قارارگاھىنىڭمۇ بارلىقى ئەسكەرتىلمەكتە. ھۇجۇمدا 12 ئادەم ئۆلدى.
دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان دەيرۇززۇر شەھىرىدە ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملار بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى ئارىسىدا پات – پات توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر كەلمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتىن سۇرىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى لىۋان چېگراسىدىكى تۇفەيل رايونىنى بومباردىمان قىلدى. سۇرىيەدىكى ئۇرۇشتىن قاچقانلار تۇرۇۋاتقان مەزكۇر جايدىكى ھۇجۇمدا 7 ئادەم ئۆلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر