رايوندا ئ ش ئ د پەيدا قىلغان جىددىيچىلىك داۋام قىلماقتا

كەركۈكتە مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 4 ئادەم ئۆلگەن، 15 ئادەم يارىلانغان.

107703
رايوندا ئ ش ئ د پەيدا قىلغان جىددىيچىلىك داۋام قىلماقتا

كەركۈكتە مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 4 ئادەم ئۆلگەن، 15 ئادەم يارىلانغان.
مۇسۇلدىمۇ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنىڭ يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرغان مىنانى پارتلىتىشى نەتىجىسىدە 1 كۇرد ئەسكەر ئۆلدى، 4 ئەسكەر يارىلاندى. ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى شەھەرنىڭ سۇريانىلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلىرىغا زەمبىرەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلدى. 8 كۇرد ئەسكىرى يارىلانغان ھۇجۇمدىن كېيىن مىڭلارچە سۇريانى ئەربىلگە كۆچۈشكە باشلىدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىراق ۋە رايوندا پەيدا قىلغان خەۋپى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پارس قولتۇقى ئەللىرىدە زىيارەتتە بولغان ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى فىلىپ خامموند ئىراقتىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسىي چارە تېپىشنىڭ مۇھىم بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. خامموند، دۆلىتىنىڭ ئىراقتىكى كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئەسكىرىي مۇداخىلە قىلىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.
رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەنگلىيە ۋە پارس قولتۇقى ئەللىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن خامموند، «ئىراقنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن دۆلەتنىڭ سۈننىي، شىئە ۋە كۇردلار ئارىسىدا تەقسىم قىلىنماسلىقىنى ۋە كېلەچەكتىمۇ بىرلىك ئىچىدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر