ئۇكرائىنادا 2 ئايدا 423 ئادەم ئۆلدى

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا 2 ئاي ئىچىدە پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 423 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

106427
ئۇكرائىنادا 2 ئايدا 423 ئادەم ئۆلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا 15- ئاپرېلدىن 20- ئىيۇنغىچە بولغان جەرياندىكى ۋەقەلەردە پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 423 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئۇكرائىنانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەت ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە تۈنۈگۈن يىغىن چاقىردى. يىغىندا ۋىدېئولۇق ئۇلىنىش ئارقىلىق سۆز قىلغان ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ئىۋان سىمونوۋىچ، ئۇكرائىنا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش ۋە تىنچلىق پىلانىنىڭ ئىجابىي قەدەملەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. سىمونوۋىچ، «قانۇنسىزلىق كېڭىيىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرى ۋە سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى كۈچەيمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى ۋە ئەنسىزلىك ۋە ساقلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلى دۆلەت ئىچىدە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 46 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ب د ت نىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارى تاي برۇك سۆز قىلىپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ پارلامېنتتىن ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىش سالاھىيىتىنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلىشىغا ئىجابىي قەدەم، دەپ باھا بەرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر