راسمۇسسېن، (ناتو)نىڭ كېڭىيىشى ھەققىدە توختالدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىتلاتى رۇسىيەنى كېڭىيىش جەھەتتە ئاگاھلاندۈردى.

107257
راسمۇسسېن، (ناتو)نىڭ كېڭىيىشى ھەققىدە توختالدى


شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىتلاتى (ناتو)نىڭ باش كاتىپى ئاندېرس فۇگ راسمۇسسېن، ناتونىڭ ئشىكىنى ئوچۇق تۇتۇش سىياسىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ناتو ئىشىكىنى ئوچۇق تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا ۋە ھېچ قانداق ئۈچىنچى بىر دۆلەت ناتونىڭ كېڭىيىشىنى رەت قىلىش ھوقىقىغا ئىگە ئەمەس» دېدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇمۇ قاتناشقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن ئىلگىرى راسممۇسىن بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن كەچتە خىزمەت زىياپىتى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئىشىكنى ئوچۇق تۇتۇش سىياسىتى ۋە ئىتتىپاققا قېتىلىش نىيىتىدە بولغان تۆت دۆلەت تەرىپىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.
كېڭىيىشنىڭ ھەم قاتناشقان دۆلەتلەرگە، ھەم ناتوغا نىسبەتەن ياخشى نەتىجىلەرنى بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان راسمۇسسېن، 4 – ۋە 5 – سىنتەبىردە گاللېردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا بۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىلنىڭ يەنە ساقلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
راسمۇسسېن، «ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە قىلىشى كېرەكلىك ئىشلار بار، ئىشىكتىن كىرىش ئۈچۈن ياردەمگە ئېھتىياجى بولغانلارغا ياردەم قىلىمىز» دېدى.
يىغىننىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا ئورتاق مۇداپىئەنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن راسمۇسسېن، «گاللېردىكى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى، بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئىنتتايىن نازۇك بىر باسقۇچتا بىزنىڭ شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن كونا ۋە يېڭى تەھدىتلەرگە دۈچ كېلىۋاتقان مەزگىلىمىزدە ئۆتكۈزۈلمەكچى» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر