ئۇكرائىنادا تەرەپلەر ئوق چىقىرىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنىڭ ئوق چىقىرىشنى توختىتىش چاقىرىقىغا بۆلگۈنچىلەرمۇ ئاۋاز قوشتى.

105388
ئۇكرائىنادا تەرەپلەر ئوق چىقىرىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنادا رۇس تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەرنىڭ پىرېزىدېنت پېترو پوروشېنكو تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئوق چىقىرىشنى توختىتىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.
سابىق ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى لىيونىد كۇچما رۇسىيە فېدراتسىيەسىنىڭ كىيىۋدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى مىخائىل زۇرابوۋ، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ئۇكرائىنا ۋەكىلى خېيدى تاگلىۋىنى، رۇس تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن «دونېتسىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى» ئالېكساندېر باراداي، جەنۇب-شەرق ھەرىكىتى رەھبىرى ئولېگ تىساروۋ ۋە بۆلگۈنچى كۈچلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان «لۇگانىس خەلق جۇمھۇرىيىتى» رەھبەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان گۇرۇپپىلار بىر يەرگە جەم بولدى.
بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان دونېتىستىكى ھۆكۈمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا پىرېزىدېتن پورشېنكو تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئوق چىقىرىشنى توختىتىش چاقىرقى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئوق چىقىرىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، رۇس تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەر 27-ئىيۇندا سائەت 10:00غىچە داۋاملىشىدىغان ئوق چىقىرىش قارارىغا رىئايە قىلىدۇ. يىغىندا دونېتسىكتا يوقاپ كەتكەن ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئەھۋالى كۈنتەرتىپكە كەلدى.
دۆلەت پىرېزىدېنتى پوروشېنكو ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تەييارلانغان تىنچلىق پىلانى دائىرىسىدە 27-ئىيۇنغىچە ئۆز ئالدىغا ئوق چىقىرىشنى توختىتىشنى ئېلان قىلغانلىقلىرىنى جاكارلىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر