پاكىستاندا يۈزمىڭلارچە ئادەم مۇساپىرلىق يولىغا چۈشتى

تالىبانغا قارشى بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەت سەۋەبىدىن 350 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.

103793
پاكىستاندا يۈزمىڭلارچە ئادەم مۇساپىرلىق يولىغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان چېگراسىدىكى شىمالىي ۋەزىرىستاندا مىڭلارچە ئادەم ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، بىخەتەر جايغا قېچىشقا تىرىشماقتا.
ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندا ئېلان قىلىنغان سىرتقا چىقىشنى چەكلەش قانۇنىنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يەڭگىللىتىشى نەتىجىسىدە، رايوندىن يەنە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجى بولغان قاچقانلارنىڭ ئىچىدىكى بالىلار ئارىسىدا بولۇپمۇ، بالىلار پارالىچ كېسىلىنىڭ يامراپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.
كاراچى ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدىن باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتتە، ئۆلگەن تالىبان سانى 260 قا چىقتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر