بۇلغارىيەدە سەل ئاپىتى مەيدانغا كەلدى

بۇلغارىيەدە سەل ئاپىتى مەيدانغا كېلىپ نۇرغۇن زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى.

104342
بۇلغارىيەدە سەل ئاپىتى مەيدانغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇلغارىيەدە ئۆتكەن ھەپتە شىددەتلىك ھۆل-يېغىنلار سەۋەبىدىن سەل ئاپىتى مەيدانغا كېلىپ 14 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋارنا شەھرىدە يوقاپ كەتكەن ئىككى بالىنى ئىزدىمەكتە.
بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى روسېن پىلېۋنېلىيىۋ ۋە ياۋروپا كومىتېتىدا تەبىئىي ئاپەتلەر ۋە ئىنسانىي ياردەم ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلى بۇلغار كومىسسار كىرىستالىنا گىئورگىيۋا ۋارنادىكى ئاپەت رايونىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى، خەلقنىڭ دەردىنى تىڭشىدى.
مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەخمىنەن 800 پىدائىي ئۆيلىرى ۋەيران بولغانلارغا ياردەم قىلماقتا.
دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرى، مۇداپىئە، ژاندارما، ساقچى ۋە باشقا دۆلەت ئورۇنلىرىمۇ ئاپەت رايونلىرىغا خادىم ئەۋەتىپ، ئوزۇق-تۈلۈك، ئىچىملىك سۈيى ۋە تازىلىق بۇيۇملىرىدىن تەشكىل تاپقان ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقاتماقتا.
بۇ ئارىلىقتا، ياز پەسلىگە بوران-چاپقۇن ۋە سەللەر بىلەن كىرگەن بۇلغارىيەنىڭ ۋارنا، دوبرىچ، ۋېلىكو تىرنوۋوغا ئوخشاش نۇرغۇن شەھەرلىرى سەل كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلارغا قارشى كۈرەش قىلدى، ھۆكۈمەت بولسا بۈگۈننى «مىللىي ماتەم» ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر