«ئۇرۇش توختىتىش ئېلانى» قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشىغا رۇسىيە تەرەپدارلىرى قوراللىق ھۇجۇم بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

102795
«ئۇرۇش توختىتىش ئېلانى» قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشىغا رۇسىيە تەرەپدارلىرى قوراللىق ھۇجۇم بىلەن جاۋاب قايتۇردى.
رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلار تۈنۈگۈن رۇسىيە چېگراسىدىكى نوۋوشاھتىنسكى رايونىدىكى ئامانلىق ساقلاش نۇقتىلىرىغا ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلدى؛ ئۈچ ئايرىم ھۇجۇمدا 9 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رۇس ئەمەلدارلار، دونېتسكى شەھىرىدە بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قاچقان ئۇكرائىنالىق 80 ئەسكەرنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن رۇسىيەگە كىرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تىنچلىق پىلانى، 27- ئىيۇنغىچە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىش ۋە مىلىتانلارنىڭ قوراللىرىنى تاپشۇرۇشىنى مەزمۇن قىلاتتى. پىلاندا رۇسىيە چېگراسىدا 10 كىلومېتىرلىق تەڭپۇڭ رايون شەكىللەندۈرۈش ۋە بۆلگۈنچىلەرنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىمۇ ئورۇن ئالىدۇ.
رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەر، ئەمەلىي بولۇشتىن يىراق، دەپ قاراپ مەزكۇر پىلاننى رەت قىلدى. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن ھالدا، تەرەپلەرنى بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىپ، مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.
لېكىن پۇتىن ئەمەلىي قەدەم باسماستىن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنىڭ رېئال قەدەم بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر