ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىىلىيە غەززەگە 5 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

103209
ئىسرائىلىيە غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەدىكى ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان ئىززەتتىن ئەل قاسسام ئەسكەرلىرىنىڭ «بەنى سەھىلا» رايونىدىكى ئىسكىلاتلىرىدىن سىرت، خان يۇنۇس، رەفاھ ۋە غەززەگە 5 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.
خان يۇنۇسنىڭ غەربىگە جايلاشقان «ئەل-مۇداھىن» رايونىدا قاسسام ئەسكەرلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھەربىي بازىلارنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇنىڭدىن سىرت غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ شەھرىدە ئىسلامىي جىھات گۇرۇھىغا ۋە قاسسام قىسىملىرىغا تەۋە بولغان تەلىم-تەربىيە لاگېرلىرىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى. ھۇجۇمدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ يوقلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ ئارىلىقتا ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربىي لاگېرلىرىغا يېقىن جايلىرىدا پادىچىلىق قىلغان بىر پەلەستىنلىك بالا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن پۇقرالارنىڭ رايونىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقى، بالىنىڭ جىنازىسىنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكلىرى قەيت قىلىندى.
نابلۇسنىڭ غەربىدىكى ئەل ئايىن كۆچمەنلەر لاگېرىدىكى بىر پەلەستىنلىكمۇ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىكى مەتبۇئات ئىشلىرى مەسئۇلى تارىف ئاشۇر ئۆلگەن ئادەمنىڭ ئۈستىدە روھىي كېسەللەر ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ تېپىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىسرائىلىيە رادىيوسى ۋەقەنى «ئەسكەرلەرنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنماي نابلۇس شەھرىدە كونترول ئېغىزىغا يېقىنلاشقان بىر پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى. بۇ كىشىنىڭ پسىخىكىسىدا مەسىلە بار» دەپ ئاڭلاتتى.
بۇنىڭدىن سىرت، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئېلىپ قېچىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 3 يەھۇدىي ياشنى ئىزدەش باھانىسى بىلەن ئال ئايىن كۆچمەنلەر لاگېرىغا بېسىپ كىردى.
نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ھۇجۇم ئەسناسىدا ئىشلەتكەن گازنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان پەلەستىنلىكلەر دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان.
ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتى 12-ئىيۇندا ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى گۇش ئېتزىيون ئولتۇراق رايونىدا يوقاپ كەتكەن 3 نەپەر يەھۇدىي ياشنىڭ ئېلىپ قېچىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئىشقا پەلەستىن ھاكىمىيىتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ ياشلارنىڭ تېپىلىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيە پارلامېنتى ئارمىيەگە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش قاتارلىق نۇرغۇن ھوقۇق بەرگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر