بىرمادا تەھدىت نەتىجىسىدە بىر فىلىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

بىرمادا بۇددىستلارنىڭ تەھدىتى نەتىجىسىدە كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى-ئىنسان شەرىپىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

103225
بىرمادا تەھدىت نەتىجىسىدە بىر فىلىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمادا كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى-ئىنسان شەرىپى خەلقئارا كىنو فېستىۋالى پىروگراممىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن، مەملىكەت ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم ئاشقۇن بۇددىستلارنىڭ تەھدىتى سەۋەبلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
فېستىۋالنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن مون مون مىيات بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئاشقۇن بۇددىستلارنىڭ فېستىۋال فىلىملىرى قويۇلغان ئىككى كىنوخانىغا ئوت قويۇپ بېرىش ۋە مېيكتىلادا توپىلاڭ چىقىرىش بىلەن تەھدىت سالغانلىقلىرى، بۇ سەۋەبتىن «ئوچۇق ئاسمان» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى قويۇشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
فىلىمدە بۇلتۇر مېيكتىلادا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئەسناسىدا بۇددىست ۋە مۇسۇلمان ئىككى ئايالنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر تەسۋىرلىنىدۇ.
مون مون مىيات تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان ۋە چارشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدىغان كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى-ئىنسان شەرىپى خەلقئارا فىلىم فېستىۋالى دائىرىسىدە ياڭگودا ئېكرانلاردا قويۇلۇشى پىلانلانغان فىلىمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ھەققىدە سۆز قىلىپ، «بولغۇسى توپىلاڭنىڭ قۇربانى بولغۇمىز كەلمىدى» دەپ بايانات بەردى.
ئاشقۇن بۇددىستلارنىڭ فېيسبۇكتا فىلىم رىژوسسورلىرى ۋە فېستىۋالىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىگە تەھدىت سالغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.
مېيكتىلادا بۇلتۇر مەيدانغا كەلگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە، ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 40تىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، مىڭلارچە مۇسۇلمان يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر