سۈرىيەدىكى ھۇجۇمدا 17 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

ھۇجۇم يۈز بەرگەن رايوندا ماددىي زىياننىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقى، ياردارلارنىڭ بولسا، يېزىدىكى چېدىر دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

102466
سۈرىيەدىكى ھۇجۇمدا 17 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى


سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرگە تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدىكى دەيرۇززور شەھىرىگە قاراشلىق مۇھاسان يېزىسىدىكى ئولتۇراق رايوننى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە ئايال ۋە كېچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىغانلىقى قەيت قىلىندى.
بۇ ئارىلىقتا سۈرىيە ئومۇمىي ئىنقىلاپ كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا بەزى ئۆيلەرنىڭ يېقىلىپ چۈشكەنلىكى ۋە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، تىلىا ئېلىندى. ئۆرىلىپ چۈشكەن بىنالارنىڭ ئاستىدا قالغان ئۆلۈك ۋە يارىدار ئىنسانلارنى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىتتىرگۈچ ئاپتومۇبىللار ئارقىلىق تارتىپ چىقارغانلىقى ئوقتۇرۇلدى.
ھۇجۇم يۈز بەرگەن رايوندا ماددىي زىياننىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقى، ياردارلارنىڭ بولسا، يېزىدىكى چېدىر دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى تەكىتلەندى.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر