ئامېرىكىدا بوران - چاپقۇن ئاپىتى ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتى ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى
100870
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتى ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى.
بوران - چاپقۇن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي داكوتا ئىشتاتىدا ئۆيلەرنىڭ تورۇسلىرىنى ئۇچۇرتۇپ كەتتى، ئاپتوموبىللارنى ۋەيران قىلدى، كوچىلارنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇۋەتتى.
سائىتىگە 200 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بوران - چاپقۇن 20 مىنۇتقا يېقىن داۋاملاشتى.