كانادادا بوران - چاپقۇن ئاپىتى يۈز بەردى

كانادانىڭ ئونتارىئو ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتى ئۆيلەرنىڭ تورۇسلىرىنى ئۇچۇرتۇپ كەتتى، يۈزلەرچە كىشى ئۆي - ماكانسىز قالدى

99900
كانادادا بوران - چاپقۇن ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادادا بوران - چاپقۇن ئاپىتى يۈز بەردى.
كانادانىڭ ئونتارىئو ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتى ئۆيلەرنىڭ تورۇسلىرىنى ئۇچۇرتۇپ كەتتى، يۈزلەرچە كىشى ئۆي - ماكانسىز قالدى.
ئانگۇس يېزىسىدا ئىلگىرىلىگەن بوران - چاپقۇندا بەختكە يارىشا ئادەم ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاقماق سوقۇش نەتىجىسىدە 4 كىشى يارىلانغان، 20 - 30 ئۆي ئىشلەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ۋەيران بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئانەس ۋە ئەتراپىدا جىددىىي ھالەت ئېلان قىلىنغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، رايوندا مىڭلارچە كىشىنى توك بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى توختاپ قالغان.
ئىگىلىنىشىچە، بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە مىليونلارچە دوللارلىق ماددى زىيان كېلىپ چىققان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر