ئەسەد كۈچلىرى 61 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۇرىيەدە ھاكىمىيەتكە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ ئۆكتىچىلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 61 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

99041
ئەسەد كۈچلىرى 61 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۇرىيەدە ھاكىمىيەتكە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى جايلارغا ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 11 نەپىرى كىچىك بالا، 9 نەپىرى ئايال بولۇپ جەمئىي 61 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
سۇرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھاۋادىن ۋارىل بومبىسى، قۇرۇقلۇقتىن توپ ئوقلىرى ۋە قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى. بۇ جەرياندا سۇرىيە مەھەللىي كوردىناتسىيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئارمىيەگە تەۋە تىك ئۇچار ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەلەبتىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارغا قاتتىق بومباردىمان قىلغانلىقى ۋە كۆپ ساندا ئاھالىلەر رايونلىرىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكى، يەنە پايتەخت دەمەشقنىڭ جەنۇبىدىكى مۇلەيھا بازىرى بىلەن دۇما، جوبار، دارېييا ۋە قابۇن رايونلىرىنىڭ ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن سۇرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى –سانانىڭ ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئارمىيەنىڭ ئىدلىب، لازىقىييە، ھەلەب ۋە ھۇمۇستا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا كۆپ ساندا قوراللىق گۇرۇپپىنى يوقىتىپ تاشلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر